ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

گاس ئىككى كۈلىدۇ: خەقنىڭ كۈلگىنىگە قاراپ بىر، گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر.

Latin · ULY
Gas ikki külidu: xeqning külginige qarap bir, gep anglighandin kéyin bir.
Кирил · USY
Гас икки күлиду: хәқниң күлгинигә қарап бир, гәп аңлиғандин кейин бир.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  2. 2ئىككى ياخىشى بىر بولسا تىنىچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
  3. 3بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا.
  4. 4بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
  5. 5ناندانغا گەپ ئاڭلاتماق-تۆگىگە خەندەك كولاتماق.
  6. 6كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
  7. 7بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.
  8. 8قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش