ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا.

Latin · ULY
Göher yatidu sayda, tonumisang néme payda.
Кирил · USY
Гөһәр ятиду сайда, тонумисаң немә пайда.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
  2. 2چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
  3. 3ئون تونۇشتۇرۇشتىن بىر تونۇش ئەلا.
  4. 4ئۆلگەندىن كېيىن« ياسىن»نىڭ نېمە پايدىسى.
  5. 5ئۆتۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى.
  6. 6كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە.
  7. 7ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
  8. 8ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش