ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خۇشياقماسنىڭ باھانىسى.

Latin · ULY
Chidimasning nalisi tola, xushyaqmasning bahanisi.
Кирил · USY
Чидимасниң налиси тола, хушяқмасниң баһаниси.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
  2. 2باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
  3. 3خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
  4. 4چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
  5. 5ئوتقا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلغا چىدىغان چاينايدۇ.
  6. 6كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  7. 7كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.
  8. 8كۈزدە توي تولا، ئەتىيازدا ئۆلۈم.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش