ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

سوراشقا ماھىر تاغدىن ئۆتەر، سورىمىغان تۈزلەڭدىمۇ تېنەر.

Latin · ULY
Sorashqa mahir taghdin öter, sorimighan tüzlengdimu téner.
Кирил · USY
Сорашқа маһир тағдин өтәр, соримиған түзләңдиму тенәр.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا، ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.
  2. 2قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
  3. 3سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.
  4. 4ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
  5. 5بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
  6. 6ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ.
  7. 7بېخىل بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن قىرىق قېتىم ئۆتەر.
  8. 8تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش