ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ئەمگەك ۋە ھۈنەر

116 ماقال

  1. 61خۇشياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ، ئالتىنچى ئايدا قولى توڭۇپتۇ.
  2. 62خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
  3. 63دۇنيانىڭ ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما.
  4. 64دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
  5. 65دېھقانچىلىق گاھىدا چىلىق-چىلىق، گاھىدا قۇرۇقچىلىق.
  6. 66دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ نېمە ئىشى.
  7. 67زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا بېقىپ سۇن پۇت.
  8. 68سۇ-يەرنىڭ قېنى، يەر- دېھقاننىڭ جېنى.
  9. 69سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
  10. 70سەھەردىكى چۈش ئوڭۇڭدىكى ئىش.
  11. 71سەۋەپىسز ئىش يوق.
  12. 72قالغان ئىشقا قار ياغار.
  13. 73قىلغان ئىشىڭ پىلانسىز، ئاتقان ئوقۇڭ نىشانسىز.
  14. 74قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
  15. 75قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا.
  16. 76قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.
  17. 77قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا.
  18. 78قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
  19. 79كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا، يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.
  20. 80كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
  21. 81كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.
  22. 82كەمبەغەللىك ئەيىب ئەمەس، ھورۇنلۇق ئەيىب.
  23. 83كەڭ تون يىرتىلماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
  24. 84لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى، تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ.
  25. 85مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
  26. 86مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.
  27. 87مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
  28. 88ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  29. 89ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ ئىش بار.
  30. 90ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.
  31. 91يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
  32. 92يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
  33. 93يەرگە ئىشلە ئايانما، يوق ئامەتكە تايانما.
  34. 94پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
  35. 95پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس، يەككە قولدىن چاۋاك.
  36. 96پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر.
  37. 97گۆھەرلىك بولۇشىتن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق.
  38. 98گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
  39. 99ھورۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ.
  40. 100ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر.
  41. 101ھورۇن كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەر، ئايدىڭدا پېشانىسى كۆيەر.
  42. 102ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
  43. 103ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇمۇ يىراق.
  44. 104ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.
  45. 105ھورۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلىدۇ.
  46. 106ھورۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر.
  47. 107ھورۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.
  48. 108ھۈنەر تۈگىمەس گۆھەر.
  49. 109ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
  50. 110ھۈنەر، قىلسا ئۈنەر.
  51. 111ھۈنەرلىك ئادەم خار بولماس.
  52. 112ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
  53. 113ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
  54. 114ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
  55. 115ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم.
  56. 116ھەممە ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار.
ئەمگەك ۋە ھۈنەر ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى