ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«س» ھەرپى

130 ماقال

  1. 61سۇ ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە.
  2. 62سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز.
  3. 63سۇ باشتىن لاي.
  4. 64سۇ تاشسا دۆڭگە چاپ.
  5. 65سۇ تالاشساڭ بېشىنى تالاش.
  6. 66سۇ تۆۋەنگە ماڭىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا.
  7. 67سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ، قاش قالىدۇ.
  8. 68سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.
  9. 69سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇت.
  10. 70سۇ كەلگۈچە تۇغان سال، سۇ كەلمىسە تۇغان تۇت.
  11. 71سۇ يوق يەردە تەيەممۇم.
  12. 72سۇ يەتتە يۇمىلىسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
  13. 73سۇ-يەرنىڭ قېنى، يەر- دېھقاننىڭ جېنى.
  14. 74سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز.
  15. 75سۇس ئەردىن جۈش ئايال ياخشى.
  16. 76سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
  17. 77سۇغا بېرىپ چىلەكنى ئۇنتۇپتۇ.
  18. 78سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.
  19. 79سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى.
  20. 80سۇلتان كۈندۈزنى كېچە دېسە، كۈننى ئاي دېگۈلۈك.
  21. 81سۇنغان توقاچ يېپىشماس.
  22. 82سۇنى كۆرمەي ئۆتەك ساپتۇ.
  23. 83سۇنىڭ ئېقىشىغا باق، تۆگىنىڭ يېتىشىغا.
  24. 84سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
  25. 85سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
  26. 86سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
  27. 87سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن ، قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچىدۇ.
  28. 88سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
  29. 89سۈتسىز ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
  30. 90سۈتلۈك ئىنەك مەھەللىدىن ئاشماس.
  31. 91سۈيۈم كۆلدە-ئېشىم چۆلدە.
  32. 92سۈيۈڭ مول-ئېشىڭ مول.
  33. 93سۈيۈڭ مول-ھوسۇلۇڭ مول.
  34. 94سېخىي تاپسا بۆلۈپ يەر، بېخىل تاپسا بېسىپ.
  35. 95سېخىي خەيرى قىلسا، بېخىل قان چىچار.
  36. 96سېخىي دېسە مېلىدىن كېچىپتۇ، مەرد دېسە جېنىدىن.
  37. 97سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
  38. 98سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ قېنى چىقار.
  39. 99سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  40. 100سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
  41. 101سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى تۇرۇلغا تارتىۋاپتۇ.
  42. 102سېمىز قوينىڭ ئۆمرى قىسقا.
  43. 103سېمىزلىك ئىككى پۇتقا يۈك.
  44. 104سېنىڭ ياشلىقىڭدىن، ئۆتۈكۈمنىڭ باشلىقى ياخشى.
  45. 105سەت كۆرۈنگەن سارايغا تۈۋرۈك بولۇر.
  46. 106سەتلىكىمنى بىلىندۈرمىگەن، خۇشخۇيلۇقۇم.
  47. 107سەدىقە بالانى يەر، تۆۋا گۇناھنى.
  48. 108سەركىسى بولمىغان پادا يولدىن ئازار.
  49. 109سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
  50. 110سەكرىگەننى باس، يىقىلغاننى يۆلە.
  51. 111سەللە بىلەن يوتقانغا كىرىپتۇ.
  52. 112سەللە يوغان ئىمان يوق، دەرۋازا يوغان بىر نان يوق.
  53. 113سەللە يوغان باش كىچىك، داستىخان يوغان نان كىچىك.
  54. 114سەن ئۆل مەن ياشاي.
  55. 115سەن بالا، مەن سالا، ئاتقا بوغۇزنى كىم سالا.
  56. 116سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
  57. 117سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي.
  58. 118سەن تاش سانىساڭ، باشقىلار قۇم سانايدۇ.
  59. 119سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
  60. 120سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
«س» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى