ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئى» ھەرپى
97 ماقال
- 61ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.
- 62ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
- 63ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
- 64ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
- 65ئىشىتن قاچساڭ قورساققا تۇتۇلىسەن.
- 66ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر.
- 67ئىشىكتىن موردا چىقسا، تۈڭلۈكتىن سەۋر كىرەر.
- 68ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
- 69ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
- 70ئىشچان نېنىنى يەر، ھورۇن بېشىنى.
- 71ئىشچاندىن تەر چىقىپتۇ، ھورۇندىن «ئۇھ».
- 72ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
- 73ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.
- 74ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنى بىر ئۆيگە ئاش بولار.
- 75ئىككى باشنى قوشماق ساۋاب، ئايرىماق گۇناھ.
- 76ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.
- 77ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
- 78ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە، بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ.
- 79ئىككى قوچقارنىڭ بېشى، بىر قازاندا قاينىماس.
- 80ئىككى قېلىچ بىر غىلاپقا سىغماس.
- 81ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.
- 82ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى، تۇتقان سۇغا چۆكەر.
- 83ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چالىدۇ.
- 84ئىككى ياخىشى بىر بولسا تىنىچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
- 85ئىككى يەڭگە ئەپ ئەمەس، ئۆپكە-قېرىن گۆش .
- 86ئىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
- 87ئىلىملىك نۇر، ئىلىمسىز خور.
- 88ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
- 89ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
- 90ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
- 91ئىنەككە ساغىدۇ ئانىكام، قايمىقىنى يەيدۇ بالىكام.
- 92ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
- 93ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
- 94ئىچتىم شاراب، بولدۇم خاراب.
- 95ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى.
- 96ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.
- 97ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.