ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئا» ھەرپى

256 ماقال

  1. 61ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى.
  2. 62ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس.
  3. 63ئاتىدىن ھىممەت، ئوغلىدىن خىزمەت.
  4. 64ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى.
  5. 65ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ.
  6. 66ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
  7. 67ئاتىسىزنى كۈيئوغۇل قىلما،ئانىسىزنى كېلىن.
  8. 68ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
  9. 69ئاتىلىق يېتىم كۈل يىتىم، ئانىلىق يىتىم گۈل يىتىم.
  10. 70ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا.
  11. 71ئاتىنىڭ ھورى بالىنىڭ دولىسىنى ئىسسىتالماس.
  12. 72ئاجىراشقاننىڭ كۆتى ئېچىلار، ئاجىراشمىغاننىڭ بەختى.
  13. 73ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.
  14. 74ئاداشقانغا ياماشقان.
  15. 75ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلىدۇ، يېڭىلگەننى يېنىدىكى.
  16. 76ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
  17. 77ئادىلنىڭ يولى بىر، تېگىشلىك بولمىغانلىقنىڭ يولى مىڭ.
  18. 78ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  19. 79ئادەم ئوخشاش، خۇي-پەيلى ئوخشىماس.
  20. 80ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگمەس.
  21. 81ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس.
  22. 82ئادەم ئۆلىدۇ، دۇنيا قالىدۇ.
  23. 83ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت.
  24. 84ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى.
  25. 85ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا.
  26. 86ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر، ئوت تەپتىدىن.
  27. 87ئادەم بالىسى باقساڭ، ئېغىز-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر.
  28. 88ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىم بىلەن.
  29. 89ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
  30. 90ئادەم تەمى سۆز بىلەن.
  31. 91ئادەم سۇنى پاسكىنا قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز.
  32. 92ئادەم قىچقارسا بارمايمەن، ئاش قىچقارسا قالمايمەن.
  33. 93ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
  34. 94ئادەم يوق ئۆيدە، ئۆچكىسىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
  35. 95ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
  36. 96ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
  37. 97ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ، قۇشنى قانات.
  38. 98ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
  39. 99ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
  40. 100ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
  41. 101ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
  42. 102ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
  43. 103ئادەمنىڭ بىڭسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسى تۇياقتا.
  44. 104ئادەمنىڭ توغرىسى ياخشى، ئورغاقنىڭ ئەگرىسى.
  45. 105ئادەمنىڭ تېشىغا قارىما، ئىچىگە قارا.
  46. 106ئادەمنىڭ دېگىنىگە قارىما، قىلغىنىغا قارا.
  47. 107ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، ئاتنىڭ زىننىتى توقۇم.
  48. 108ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە، ئىتنىڭ كۈچۈكى بول.
  49. 109ئادەمنىڭ كۆركى كىيىم، ئاتنىڭ كۆركى توقۇم.
  50. 110ئادەمنىڭ يېتى يوق، ئالتۇننىڭ دېتى.
  51. 111ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل.
  52. 112ئادەمگە كىيىم كېرەك، شەھەرگە جىرىم.
  53. 113ئارسلاندەك كۈچلۈك بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ.
  54. 114ئارغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر.
  55. 115ئارمان كۆپ، دەرمان يوق.
  56. 116ئارمىنى يوق ياش بولماس، ھەسرىتى يوق قېرى.
  57. 117ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.
  58. 118ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.
  59. 119ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
  60. 120ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار.
«ئا» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى