ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ياخشىلىق ۋە يامانلىق

165 ماقال

  1. 61سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
  2. 62سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
  3. 63سۇس ئەردىن جۈش ئايال ياخشى.
  4. 64سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
  5. 65سېنىڭ ياشلىقىڭدىن، ئۆتۈكۈمنىڭ باشلىقى ياخشى.
  6. 66سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  7. 67قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلەر.
  8. 68قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
  9. 69قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
  10. 70قايغۇدىن كېيىنكى خۇشاللىق ياخشى، خۇشاللىقتىن كېيىنكى قايغۇ يامان.
  11. 71قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغانغا ھۆرمەت.
  12. 72قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  13. 73قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
  14. 74قېرىىنداشتىن قارنىم ياخشى.
  15. 75قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ياخشى.
  16. 76كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
  17. 77كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
  18. 78كونا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى.
  19. 79كىشىنىڭ ئون «ھە-ھۇ» سىدىن، ئۆزىنىڭ بىر غەيرىتى ياخشى.
  20. 80كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  21. 81كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.
  22. 82كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسقى يوق كاڭدىن كات.
  23. 83كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.
  24. 84كۆپتىن يامانلاپ كۆمۈلمەي قاپتۇ.
  25. 85كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
  26. 86كۈچى يوقنىڭ ئاچچىقى يامان.
  27. 87كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ، ئادەم ياماندىن.
  28. 88كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.
  29. 89لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
  30. 90مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.
  31. 91موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
  32. 92مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قارنىمنىڭ ئېچى ياخشى.
  33. 93مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
  34. 94مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغرى ساق.
  35. 95نادانلىق قاراڭغۇلۇقتىن يامان.
  36. 96نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
  37. 97ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.
  38. 98ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
  39. 99ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
  40. 100ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  41. 101ياخشى ئادەم دەپ يۈرەرسەن، ھاجىتىڭ چۈشسە بىلەرسەن.
  42. 102ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
  43. 103ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
  44. 104ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
  45. 105ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
  46. 106ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  47. 107ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  48. 108ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  49. 109ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.
  50. 110ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  51. 111ياخشى دوست جاندىن ئەزىز.
  52. 112ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى.
  53. 113ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز سۆزگە ياماق.
  54. 114ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.
  55. 115ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
  56. 116ياخشى كەلسە ھوت، يامان كەلسە جۇت.
  57. 117ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
  58. 118ياخشى نىيەت ئاشقا، يامان نىيەت باشقا.
  59. 119ياخشى گۆشتىن ياخشى شورپا.
  60. 120ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى