ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

تىل ۋە سۆز

184 ماقال

  1. 121كۆرمىدىم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز، كۆردۈم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز.
  2. 122كۆپ ئويلا، ئاز سۆزلە.
  3. 123كۆپ سۆز ئېشەككە يۈك.
  4. 124كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
  5. 125كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى.
  6. 126كۈندۈزى سۆزلۈگەك، كېچىسى جۆيلۈگەك.
  7. 127كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
  8. 128كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
  9. 129كېكەچ سۆزلىسە، ئېغىز ئاچۇرماس.
  10. 130كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
  11. 131كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر، لەززىتىنى تىل.
  12. 132كەم سۆز يىگىت-ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت- ماز يىگىت.
  13. 133كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.
  14. 134ماختانچاق-بىكارچىغا ئويۇنچۇق.
  15. 135ماختانچاقنىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا.
  16. 136ماقۇلغا جاۋاب يوق.
  17. 137مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول.
  18. 138مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
  19. 139مېلى ناچار سودىگەر، مېلىنى ھەممىدىن بەك ماختايدۇ.
  20. 140مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.
  21. 141مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى.
  22. 142نان يۈز قولدىن ئۆتۈپ ئېغىزغا كىرەر.
  23. 143ناندانغا گەپ ئاڭلاتماق-تۆگىگە خەندەك كولاتماق.
  24. 144ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى.
  25. 145ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز سۆزگە ياماق.
  26. 146ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.
  27. 147ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
  28. 148ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
  29. 149ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  30. 150ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
  31. 151يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار.
  32. 152ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
  33. 153يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.
  34. 154يوق چاغدا يوغان گەپ.
  35. 155يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
  36. 156يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، يىگىت سۆزىدىن.
  37. 157يېگەن ئېغىز، كۆرگەن كۆز.
  38. 158پىتنە-پاساتنىڭ پۇتى قىسقا، يولسىزنڭ تىلى.
  39. 159پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  40. 160پۇتتىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.
  41. 161چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە.
  42. 162چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
  43. 163چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى.
  44. 164گاس ئىككى كۈلىدۇ: خەقنىڭ كۈلگىنىگە قاراپ بىر، گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر.
  45. 165گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ.
  46. 166گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى.
  47. 167گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس.
  48. 168گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
  49. 169گەپ قىلمىسا مۆڭ دېمە، جىم تۇرسا، دۆڭ دېمە.
  50. 170گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
  51. 171گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ،
  52. 172گەپتە گەپ بار، قورساقتا دەرد.
  53. 173گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
  54. 174گەپدانلىقنىڭ ئوتتۇز پۇتىقى بار.
  55. 175گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
  56. 176گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن.
  57. 177گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن.
  58. 178گەپنىڭ ئايىغى يوق، يەرنىڭ يامىغى.
  59. 179گەپنىڭ ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
  60. 180گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار.
تىل ۋە سۆز ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى