ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ق» ھەرپى

248 ماقال

  1. 181قۇرۇق دۇئايى سالامغا توكۇر بارىكاللا.
  2. 182قۇرۇق سۆڭەكتىن ياغ چىقماس.
  3. 183قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس.
  4. 184قۇرۇق قوشۇق ئېغىز يىرتار.
  5. 185قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس.
  6. 186قۇرۇق گەپ قۇلاققا ياقماس.
  7. 187قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
  8. 188قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.
  9. 189قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشەر.
  10. 190قۇش ئۇچۇپ ھارغاندا ئۇۋىسىنى تاپار.
  11. 191قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ.
  12. 192قۇش قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ، پۇتى بىلەن قونىدۇ.
  13. 193قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
  14. 194قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
  15. 195قۇشقاچ قاغىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ چاتىرقى كېرىلىپ كېتىپتۇ.
  16. 196قۇشقاچ كىچىپ بولسىمۇ، ھەممە ئەزاسى تولۇق.
  17. 197قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش.
  18. 198قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس.
  19. 199قۇشقاچلار قىلىدۇ چىرىك-چىرىك،ئادەملەر قىلىدۇ تىرىكچىلىك.
  20. 200قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز.
  21. 201قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ.
  22. 202قۇغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، خام-پىششىقىنى تاللىماس.
  23. 203قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست.
  24. 204قۇلاق ئاڭلىغاننى، كۆز كۆرەر.
  25. 205قۇلاق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولار.
  26. 206قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا.
  27. 207قۇلنى بارىكاللا ئۆلتۈرەر.
  28. 208قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
  29. 209قۇم يىغلىسا تاغ بولۇر، ئەر يىغىسا باغ.
  30. 210قۇياش بەك چوڭ بولسىمۇ، ئۇنى توسۇشقا كىچىك بۇلۇتمۇ يېتەر.
  31. 211قۇياشنىڭ نۇرى ساڭا يەتسىمۇ، ئاڭا سېنىڭ قولۇڭ يەتمەس.
  32. 212قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىپتۇ.
  33. 213قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار. « تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار.» قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا، تېزەكلىمەي قالماس.
  34. 214قۇۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.
  35. 215قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
  36. 216قېتىق ئىچكەندە ئاكا، دوغاپ ئىچكەندە ئۇكا.
  37. 217قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس.
  38. 218قېرى بىلگەننى، پىرى بىلمەس.
  39. 219قېرى خوتۇن ياش بولدى، جۇۋانلارغا تەس بولدى.
  40. 220قېرى قىز ئەر تاللىماس.
  41. 221قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
  42. 222قېرى كالا پىچاقتىن قورۇقماس.
  43. 223قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
  44. 224قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ.
  45. 225قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.
  46. 226قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
  47. 227قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
  48. 228قېرىلار بۇ دۇنيانىڭ مېھنىتى.
  49. 229قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
  50. 230قېرىنى قاپتا ساقلا، ئۆلۈكنى ھەپتە ساقلا.
  51. 231قېرىنىڭ چىشى يوق، تۆشكە ئامراق.
  52. 232قېرىىنداشتىن قارنىم ياخشى.
  53. 233قېلىنلىق يېرىم دۆلەت.
  54. 234قېىتىق نانغا ئۈلگۈرمىدى، نان قېتىققا ئۈلگۈرمىدى.
  55. 235قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ياخشى.
  56. 236قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
  57. 237قەدىناستىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ، قەدىم جايدىن ئايرىلما چەت بولسىمۇ.
  58. 238قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
  59. 239قەرزداردىن پۈتكەننى ئال، تۈگىمەندىن چىققاننى.
  60. 240قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق.
«ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى