ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئۆ» ھەرپى

108 ماقال

  1. 61ئۆلگەندىن كېيىن« ياسىن»نىڭ نېمە پايدىسى.
  2. 62ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
  3. 63ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز-چۆچەك.
  4. 64ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
  5. 65ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت يېشىم.
  6. 66ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئاپتۇ.
  7. 67ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
  8. 68ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
  9. 69ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق.
  10. 70ئۆلۈمنىڭ چوڭىمۇ-كىچىگىمۇ ئۆلۈم.
  11. 71ئۆلەر ئىت پالتىدىن قوقماس.
  12. 72ئۆلەرمەن ئېشەك يېتىپ تېپەر.
  13. 73ئۆلەي تورپاق ئۆلدى، بار كېپەكنى يەپ بولدى.
  14. 74ئۆم ئەمگەكتە ئۈنۈم بار.
  15. 75ئۆمرۈڭ ئۆتەر، ھۆسنۈڭ ئۆچەر.
  16. 76ئۆمىلەپ كىرگەن دومىلاپ چىقار.
  17. 77ئۆمۈر- ئاتقان ئوق.
  18. 78ئۆمۈچۈك ئۆمىلەيدۇ، ئۆمىلىگەننى كۆرەلمەيدۇ.
  19. 79ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
  20. 80ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
  21. 81ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا.
  22. 82ئۆي تۇتماس خوتۇننىڭ جېدىلى تولا.
  23. 83ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
  24. 84ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەس.
  25. 85ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان.
  26. 86ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، ساھىبخاننىڭ تەرىگە قارا.
  27. 87ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
  28. 88ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
  29. 89ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس، كۆرگە كىرگەن تىرىك.
  30. 90ئۆيۈم ھېيىتتىكىدەك بولسا، ئېرىم توي كۈنىدىكىدەك بولسا.
  31. 91ئۆيۈمدە بىر نان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
  32. 92ئۆيۈڭ ئۆستەڭ بويىدا بولسا، قاپىقىڭ قۇرۇق قالماس.
  33. 93ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا.
  34. 94ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
  35. 95ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالدى.
  36. 96ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قېقىپتۇ.
  37. 97ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
  38. 98ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۆرۈپتۇ.
  39. 99ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار.
  40. 100ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت.
  41. 101ئۆچكىنىڭ مويى تۈگىمەس، بەڭگنىڭ ئۆيى.
  42. 102ئۆچكىگە جان قايغۇسى، قاسساپقا ياغ قايغۇسى.
  43. 103ئۆچكىگە چىگىت بېرىپلا قۇيرۇقىنى سىلاپتۇ.
  44. 104ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا.
  45. 105ئۆچىدىغان چىراغنىڭ يورۇقى پەس.
  46. 106ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.
  47. 107ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە.
  48. 108ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
«ئۆ» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى