ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«م» ھەرپى

96 ماقال

  1. 61مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن.
  2. 62مېڭىشنى بىلمىگەن ئۇي قىرنى بۇزىدۇ.
  3. 63مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن، مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.
  4. 64مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆچ سىنار.
  5. 65مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
  6. 66مېھمان قويدىن ياۋاش.
  7. 67مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.
  8. 68مېھماننىڭ ئۆزىنى باققۇچە، ئېتىنى باق.
  9. 69مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.
  10. 70مېھنەت- ئۇنىڭ تېگى راھەت.
  11. 71مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
  12. 72مېۋىسىز دەرەخكە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخكە ھەركىم قول ئۇزىتىدۇ.
  13. 73مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرار، مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ.
  14. 74مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن.
  15. 75مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.
  16. 76مەرتەم-مەرتەم، ئۈچ مەرتەم.
  17. 77مەرد باتۇر يىقىتىدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ.
  18. 78مەرد بولساڭ مەيدانغا چۈش.
  19. 79مەرد يوقلۇقنى بىلىندۇرمەس، تۇلپار ئاچلىقنى.
  20. 80مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى.
  21. 81مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما.
  22. 82مەستلىك-پەستلىك.
  23. 83مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
  24. 84مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.
  25. 85مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.
  26. 86مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگۈچە نان بەرمەس.
  27. 87مەن دوپپىچى بولسام، كىشىلەر باشسىز تۇغۇلۇپتۇ.
  28. 88مەن سالا، سەن سالا، ئاتقا چۆپنى كىم سالا.
  29. 89مەن كۆرمىگەن يېرىڭ بارمۇ،سىڭار يېقىڭ تاتۇق.
  30. 90مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  31. 91مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە.
  32. 92مەنمۇ ئىدىم سېنىڭدەك، سەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك.
  33. 93مەنىسىز ياشلىق-سايدىكى تاشلىق.
  34. 94مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
  35. 95مەيلى بارغا مايىل بول.
  36. 96مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلم بولسا سەيخانا.
«م» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى