ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
بىلىم ۋە ئەقىل
100 ماقال
- 61خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما.
- 62دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
- 63دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.
- 64دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل، بېھىشقا كۆنمەپتۇ.
- 65دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
- 66زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 67ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، بىلىملىكتىن قاچىدۇ.
- 68سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
- 69سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.
- 70سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
- 71سەۋر ئەقىلنىڭ بەلگىسى.
- 72قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
- 73قىلغان ئىشىڭ پىلانسىز، ئاتقان ئوقۇڭ نىشانسىز.
- 74قېرى بىلگەننى، پىرى بىلمەس.
- 75كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
- 76كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.
- 77كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم زېھنىنى.
- 78لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى، تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ.
- 79موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
- 80مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- 81مېڭىشنى بىلمىگەن ئۇي قىرنى بۇزىدۇ.
- 82مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
- 83مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە.
- 84نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە.
- 85نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
- 86نادانغا بېرىلگەن مەنسەپ-كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.
- 87نادانلىق قاراڭغۇلۇقتىن يامان.
- 88نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتى گادايلىق.
- 89ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ.
- 90نەپسىنىڭ تىزگىنىنى ئەقىل تۇتسۇن.
- 91ياشلىقتا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باشقاندەك.
- 92يامان ئۆزىنى بىلمەس، ياخشىنى كۆزگە ئىلماس.
- 93يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
- 94ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
- 95يامغۇر قەدرىنى تاش بىلمەس.
- 96پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى.
- 97پۇل ئەقىل ئۆگىتەر، تون مېڭىشنى تۈزىتەر.
- 98چاقماققا ئاتنى تېگشكەن ئەخمەق.
- 99چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
- 100ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.