ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ك» ھەرپى

174 ماقال

  1. 61كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
  2. 62كۆكتىن تىلە، يەردىن تاپ.
  3. 63كۆلنىڭ سېسىشى پاقىغا ياراپتۇ.
  4. 64كۆلنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال.
  5. 65كۆنگەن كۆڭۈل كۆمۈلگۈچە.
  6. 66كۆيگەن ئوتنىڭ تۈتۈنى يوق.
  7. 67كۆيگەن جۇۋانغا ئات تېزىكى ئاي كۆرۈنەر.
  8. 68كۆيگەنگە كۆي، كۆرۈنگەنگە كۆيمە.
  9. 69كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسقى يوق كاڭدىن كات.
  10. 70كۆپ ئويلا، ئاز سۆزلە.
  11. 71كۆپ خوتۇن ئالغان ئەسكى- تۈسكى يىغار، كۆپ ئەرگە تەگكەن يوتقان-كۆرپە.
  12. 72كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  13. 73كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلىكى چىت.
  14. 74كۆپ سۆز ئېشەككە يۈك.
  15. 75كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
  16. 76كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
  17. 77كۆپ كۆرگەن كۆپ بىلەر.
  18. 78كۆپ ياتقان ئوت كۆككە يېتەر.
  19. 79كۆپ يىلقا ئارىسىدا توكۇر قۇلۇن بىلىنمەس.
  20. 80كۆپتىن توشقان قېچىپ قۇتۇلماس.
  21. 81كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.
  22. 82كۆپتىن يامانلاپ كۆمۈلمەي قاپتۇ.
  23. 83كۆپنى كۆرۈپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ.
  24. 84كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.
  25. 85كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرەر.
  26. 86كۆپنىڭ مېلىنى ئوغرى ئالماس.
  27. 87كۆڭلى زەھەرنىڭ قولىمۇ زەھەر.
  28. 88كۆڭلى قارىنىڭ يۈزى قارا.
  29. 89كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا.
  30. 90كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
  31. 91كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆڭۈل بېرىپ ئال.
  32. 92كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا تويمايدۇ.
  33. 93كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى.
  34. 94كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر،
  35. 95كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار.
  36. 96كۆڭۈلنى بۇزما، ئۈمىدنى ئۈزمە.
  37. 97كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋر.
  38. 98كۆڭۈلنىڭ كىرىنى ئېيتسا كېتەر، كىيىمنىڭ كىرىنى يۇسا.
  39. 99كۆڭۈلگە ياقمىسا، كۆزگە ياقماس.
  40. 100كۈتكەندە مېھمان كەلمەس، ياسانغاندا يىغا.
  41. 101كۈزدە توي تولا، ئەتىيازدا ئۆلۈم.
  42. 102كۈلكىسى يوق توي بولماس، يىغىسى يوق ئۆلۈم.
  43. 103كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، يىغا قىسقارتىدۇ.
  44. 104كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك.
  45. 105كۈلمە كىشىنىڭ دەردىگە، ئۆزۈڭگە كىلەر ئەتە.
  46. 106كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا ئىت.
  47. 107كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن.
  48. 108كۈلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما.
  49. 109كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم زېھنىنى.
  50. 110كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ.
  51. 111كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جېدەل.
  52. 112كۈندىن قالدىڭ ئايدىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ يىلدىن قالدىڭ.
  53. 113كۈندۈزى سۆزلۈگەك، كېچىسى جۆيلۈگەك.
  54. 114كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ.
  55. 115كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
  56. 116كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
  57. 117كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا، يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.
  58. 118كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئال.
  59. 119كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس.
  60. 120كۈننى توسىۋالغىلى بولماس، ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
«ك» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى