ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ت» ھەرپى
167 ماقال
- 121تۇل خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر.
- 122تۇمشۇقىغا يېمەي، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.
- 123تۇمىغىنى ئال دېسە، بېشىنى كېسىپتۇ.
- 124تۈتۈنسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت.
- 125تۈتۈننى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت.
- 126تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.
- 127تۈرۈككە بىر تاياق، موللىغا ئون تاياق.
- 128تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.
- 129تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن، يوۋاسنىڭ ھەيۋىسى.
- 130تۈلكىنىڭ تېرىشى ئۆزىگە دۈشمەن.
- 131تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
- 132تۈڭلۈكىدىن شامال كىرمەس، ئىشىكىدىن ئادەم.
- 133تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ.
- 134تۈگمەن بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى يۈز ئايلىنار.
- 135تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
- 136تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
- 137تېجەشلىك ئادەم قېيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر.
- 138تېرىغان خامان ئالار، تېرىمىغان ئارمان.
- 139تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچىكىدىن.
- 140تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قۇشقاچمۇ قورۇمايمەن.
- 141تېرەكتىن شاپتۇل تەمە قىلما.
- 142تېرەڭدە داپ ئېتىمەن، سۆڭىكىڭدە ساپ.
- 143تېزىنى باسساڭ مېزى چىقار.
- 144تېزەكنى كوچىلىساڭ سېسىقى چىقار.
- 145تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال.
- 146تېكىنى سورىغۇچە ئۈزۈمىنى يە.
- 147تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
- 148تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
- 149تەرتىپنى سەن تاپساڭ، تەرتىپ سېنى تاپىدۇ.
- 150تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ ئۆتمەس.
- 151تەرلىگۈچە ئىشلە، تويغۇچە يە.
- 152تەرىقەتنى ئىزدىسەڭ قىينىما جاننى.
- 153تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس.
- 154تەشنا ئادەم چۈشىدە سۇ كۆرەر.
- 155تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.
- 156تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
- 157تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ.
- 158تەمەگەرنىڭ تامىقى قۇرۇق.
- 159تەن ساقلىقى پادىشاھلىق.
- 160تەن ساقىلىقى جاننىڭ راھىتى.
- 161تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەن.
- 162تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
- 163تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ئاسان كېلەر قېشىغا.
- 164تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس.
- 165تەييارلىق بار يەردە بالا-قازا يوق.
- 166تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە.
- 167تەڭشەلمىگەن دۇنيا.