ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

بايلىق ۋە نامراتلىق

164 ماقال

  1. 121نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش.
  2. 122نېسى ئېلىشقا ھاي-ھاي، پۇلنى بېرىشكە ۋاي-ۋاي.
  3. 123ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
  4. 124يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
  5. 125يوقالغان پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
  6. 126يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
  7. 127يېنىدا بىر پۇلى يوق، تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.
  8. 128يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس، يۈزسىزنىڭ بېتى.
  9. 129پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  10. 130پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
  11. 131پايدىسى يوق ئوغرىنىڭ، گۇندىدا تۇرغىنى زىيان.
  12. 132پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.
  13. 133پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ ئالدىدا قىزىقما.
  14. 134پۇل ئەجەلگە داۋا بولماس.
  15. 135پۇل ئەقىل ئۆگىتەر، تون مېڭىشنى تۈزىتەر.
  16. 136پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  17. 137پۇل بايغا ئاقىدۇ، سۇ سايغا.
  18. 138پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.
  19. 139پۇل تېپىۋالساڭ سانىۋال.
  20. 140پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  21. 141پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى
  22. 142پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن.
  23. 143پۇل-مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن.
  24. 144پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنەر.
  25. 145پۇلسىز بازار تونۇماس.
  26. 146پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز.
  27. 147پۇلى بار ئادەمدىن تاغمۇ قورقىدۇ.
  28. 148پۇلى بار كاۋاپ يەيدۇ، پۇلى يوق كاۋاپ تۈتۈنى.
  29. 149پۇلى بارغا بازار، پۇلى يوققا مازار.
  30. 150پۇلى بارنىڭ يولى كۆپ.
  31. 151پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
  32. 152پۇلى بولسا قوللايدۇ، بولمسا قوغلايدۇ.
  33. 153پۇلۇڭ يوق بازارغا بارما، مەشىقىڭ يوق مەشرەپكە.
  34. 154پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.
  35. 155چاپىنىمىدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.
  36. 156چۆپسىز مال-بولماس، پۇلسىز تىجارەت بولماس.
  37. 157گاداي بولساڭ شەھەر تالاش.
  38. 158گاداينىڭ بالىىسى-باينىڭ كالىسى.
  39. 159گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى.
  40. 160گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا.
  41. 161گۈل گۈلى بىلەن، مال خىلى بىلەن.
  42. 162ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا بولسۇن.
  43. 163ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
  44. 164ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
بايلىق ۋە نامراتلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى