ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھايۋانلار
368 ماقال
- 301مۈدۈرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمايدىغان ئادەم.
- 302مۈشۈك چۈشىدە چاشقان كۆرەر.
- 303مۈشۈك گۆشكە بوي يەتمىسە، سېسىقكەن دەر.
- 304مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن.
- 305مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
- 306مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.
- 307مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغرى ساق.
- 308مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
- 309مەن سالا، سەن سالا، ئاتقا چۆپنى كىم سالا.
- 310نەشتىرىنى ئۇزۈۋالساڭ، يىلان دېگەن يېرىم غۇلاش كۇلاھ.
- 311ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق.
- 312ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى قوزغىما.
- 313ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.
- 314ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
- 315ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
- 316ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
- 317ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
- 318يالغۇز دەرەختىن قۇش تېزىپتۇ.
- 319يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
- 320يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، يىگىت سۆزىدىن.
- 321يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭ ھودۇقما.
- 322يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 323يىلان ئۆزۈم ئەگرى ئەمەس، يولۇم ئەگرى دەيدۇ.
- 324يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
- 325يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
- 326يىلاننىڭ تۆشىكى تۈز، ئۆزى ئەگرى.
- 327يىلاننىڭ تېشى سىللىق، ئىچى زەھەر.
- 328يېغىر قەيەردە، چىۋىن شۇ يەردە.
- 329يېيىشلىك ئات ھارماس.
- 330يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس، يۈزسىزنىڭ بېتى.
- 331پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر.
- 332پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، يېرىلىپ كېتىپتۇ.
- 333پاقا بىر سەكرەر، ئىككى سەكرەر، ئۈچۈنچىسىدە ئورنىغا چۈشەر.
- 334پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان.
- 335پاكار ئېشەككە ھەركىم مىنەر.
- 336پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۈشۈكتىن.
- 337پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 338پىلنىڭ ئۆمرىگە چىشىنىڭ قىممىتى سەۋەپچى.
- 339پۇچقىقىغا پىت چۈشۈپتۇ، ئېشىغا چىۋىن.
- 340چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ.
- 341چاشقان يىغار، پاقا يەر.
- 342چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماس، قوڭغۇزغا تېزەك.
- 343چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار.
- 344چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە.
- 345چاقماققا ئاتنى تېگشكەن ئەخمەق.
- 346چوڭ بېلىق كىچىك بېلقىنى يەر.
- 347چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
- 348چىشلەيدىغان ئىت، چىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.
- 349چىۋىن قورىغان يەرگە قونىدۇ.
- 350چىۋىننىڭ كۆڭلى گەدەندە.
- 351چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
- 352چۈجىسى بار توخۇ ئۇچالماس.
- 353چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
- 354چۈجە باققان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق.
- 355چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
- 356گۈلگە قونغاننىڭ ھەممىسى بۇلبۇل ئەمەس.
- 357گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
- 358ھارغان ئېشەك يېتىپ ھاڭرايدۇ.
- 359ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
- 360ھارۋىنى ئات تارتىدۇ، سايىسىنى ئىت.