ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ئائىلە

265 ماقال

  1. 241ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  2. 242ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  3. 243ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  4. 244يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  5. 245يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا.
  6. 246يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  7. 247يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
  8. 248يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
  9. 249يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇۇرشقاق.
  10. 250يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
  11. 251يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
  12. 252پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
  13. 253پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنەر.
  14. 254چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
  15. 255گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ.
  16. 256گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
  17. 257گۇگۇم ۋاقتىدا قىز كۆرمە، قاش-كۆزىنى ئۇز كۆرمە.
  18. 258گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
  19. 259گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس.
  20. 260گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
  21. 261ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
  22. 262ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.
  23. 263ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
  24. 264ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
  25. 265ھېيىتتا خوتۇن ئالما، يامغۇردا ئات.
ئائىلە ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى