ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

تىل ۋە سۆز

184 ماقال

  1. 61توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى.
  2. 62توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
  3. 63تولا گەپنىڭ مەززىسى يوق، كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى.
  4. 64تىلدىن كەلگەن قولدىن كەلسە، ھەركىم پادىشاھ بولار.
  5. 65تىلنىڭ سۆڭىكى يوق، گېپىنىڭ تايىقى يوق.
  6. 66تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق.
  7. 67تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت.
  8. 68تىلى ھەسەل، ئىچى زەھەر.
  9. 69تىگىنىڭ تېگىدە تىلى بار.
  10. 70تۆگە ئېتىز بۇزسا ھېچ گەپ يوق، توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.
  11. 71تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.
  12. 72تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ ئۆتمەس.
  13. 73تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەن.
  14. 74تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
  15. 75خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.
  16. 76خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن.
  17. 77دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.
  18. 78دوست كەينىڭدىن ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.
  19. 79دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى.
  20. 80دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە.
  21. 81دېسەڭ گەپ بولىدۇ، دېمىسەڭ دەرد.
  22. 82راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  23. 83راست گەپكە سۇئال يوق.
  24. 84راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق.
  25. 85زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ.
  26. 86زەردار مېلىنى ماختار، گاداي بالىسىنى.
  27. 87ساتمىدا قىلغان گەپنى، سارايدا قىلغىلى بولماس.
  28. 88سورىمىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمە.
  29. 89سورىمىغانغا گەپ يوق، ئۇچرمىغانغا سالام.
  30. 90سۆز بىلەن پولو پىشماس، ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم.
  31. 91سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول بەرگەن ئوزۇق.
  32. 92سۆز تېپىلغاندا يار يوق، يار تېپىلغاندا سۆز.
  33. 93سۆزدىن سۆز چىقار، شورىدىن تۇز.
  34. 94سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم.
  35. 95سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.
  36. 96سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
  37. 97سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئېغىزدا چايناپ كۆر.
  38. 98سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
  39. 99سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
  40. 100سۆزى توغرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈن.
  41. 101سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
  42. 102قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ
  43. 103قورساق گول، ئېغىز تېگىشلىك بولمىغانزادە.
  44. 104قول يارىسى كېتەر، تىل يارىسى كەتمەس.
  45. 105قىز چوڭ بولسا كۆز تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
  46. 106قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
  47. 107قۇرۇق قوشۇق ئېغىز يىرتار.
  48. 108قۇرۇق گەپ قۇلاققا ياقماس.
  49. 109قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
  50. 110قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.
  51. 111قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ.
  52. 112قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز.
  53. 113قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ.
  54. 114قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
  55. 115قەرىزدارنىڭ تىلى قىسقا.
  56. 116كالىنى ساتقاندا ماختا، سۈتىنى ساغقاندا.
  57. 117كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
  58. 118كونا گەپ قۇلاققا ياقماس.
  59. 119كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
  60. 120كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا.
تىل ۋە سۆز ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى