ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
دوست ۋە دۈشمەن
85 ماقال
- 61كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن.
- 62كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
- 63مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.
- 64مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
- 65مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.
- 66مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
- 67ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
- 68ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
- 69ياخشى دوست جاندىن ئەزىز.
- 70ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
- 71يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
- 72يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
- 73يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
- 74يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس.
- 75يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا.
- 76پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
- 77پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى.
- 78پۇت پۇتقا ھەمراھ، قول قولغا.
- 79پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
- 80پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
- 81چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى.
- 82چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
- 83ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
- 84ھەركىمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە ھەمراھ.
- 85ھەقىقىي دوست ئېغىر كۈنلەردە سىنىلىدۇ.