ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ئو» ھەرپى
77 ماقال
- 61ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان.
- 62ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
- 63ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
- 64ئويغاقنى زورلاپ ئۇخلاتقىلى بولماس.
- 65ئويلسام دىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىسەم تىلىم.
- 66ئويلىماي قىلغان ئىشىڭدا، كۈندە غۇۋغا قېشىڭدا.
- 67ئويلىمىغان يەردىن، تۇغۇلمىغان توشقان چىقىپتۇ.
- 68ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر.
- 69ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
- 70ئوينىمايدىغان جۇۋان يوق، قاينىمايدىغان قازان.
- 71ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.
- 72ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
- 73ئوڭ قولۇم، سول قولۇم، ئىككىلىسى ئۆز قولۇم.
- 74ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
- 75ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغاندا، سول كاچىتىڭنى تۇتۇپ بەر.
- 76ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
- 77ئوڭدا ياتقان گىردە يەيدۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە.