ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

«ئە» ھەرپى

84 ماقال

  1. 61ئەل بار يەردە، گەپ بار.
  2. 62ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە.
  3. 63ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
  4. 64ئەل تىنچ،مەن تىنچ.
  5. 65ئەل قوزغالسا، تەخت غۇلار.
  6. 66ئەل پۈۋ دېسە، بوران چىقىدۇ.
  7. 67ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى چىقار.
  8. 68ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
  9. 69ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.
  10. 70ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
  11. 71ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ.
  12. 72ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  13. 73ئەمىلى يوقىنىڭ غېمى يوق، بالىسى بارنىڭ كۆڭلى توق.
  14. 74ئەمگىكىڭ قاتتىق بولسا، يېگىنىڭ تاتلىق بولار.
  15. 75ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
  16. 76ئەمگەك قىلساڭ قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ.
  17. 77ئەمگەك قىلساڭ، يەر سېخى.
  18. 78ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى.
  19. 79ئەيسانىڭ ئەلىمىنى موسادىن ئاپتۇ.
  20. 80ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.
  21. 81ئەيىبنى يوشۇرغان ئەخمەق.
  22. 82ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق.
  23. 83ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ.
  24. 84ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى.
«ئە» ھەرپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى