ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ياخشىلىق ۋە يامانلىق
165 ماقال
- 121ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
- 122ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
- 123ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا.
- 124ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
- 125ياخشىغا بەرسەڭ نېپى تېگەر، يامانغا بەرسەڭ گېپى.
- 126ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.
- 127ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق.
- 128ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
- 129ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.
- 130ياخشىنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.
- 131ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
- 132ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
- 133ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
- 134يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
- 135يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
- 136يامان ئۆزىنى بىلمەس، ياخشىنى كۆزگە ئىلماس.
- 137يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
- 138يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
- 139يامان جىن قورقىدۇ.
- 140يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
- 141يامان قىزغا ئانىسى ئەلچى.
- 142يامان كۆرگەن ياغاچ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك بوپتۇ.
- 143يامان ياماندىن قورقىدۇ، كەتمەن ساماندىن.
- 144يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
- 145يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
- 146يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
- 147يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
- 148ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما.
- 149ياماننى كۆرمەي، ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
- 150ياماننىڭ ئوتى يامان.
- 151ياماننىڭ قوينىدا ياتقۇچە، ياخشىنىڭ ئايىغىدا ئۆل.
- 152ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشىنىڭ شاراپىتى.
- 153ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
- 154ياماننىڭ گېپى يامان، ئەسكى چاپاننىڭ پىتى.
- 155يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
- 156پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋاپ ياخشى.
- 157چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى.
- 158چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى.
- 159چۆلدە تەشنالىق يامان، يولدا يالغۇزلۇق.
- 160گۆرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.
- 161گەپنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ پىشقىنى.
- 162ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
- 163ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
- 164ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى.
- 165ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.