ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
«ي» ھەرپى
200 ماقال
- 181يېپىقلىق قازان يېپىقىلىق پېتى قالسۇن.
- 182يېڭى ئىدىشنىڭ سۈيى تاتلىق.
- 183يېڭىسى ياندا، كونىسى جاندا.
- 184يېڭىلمەكنىڭ يەڭمىكى بار، يەڭمەكنىڭ يېڭىلمىكى بار.
- 185يېگەن ئېغىز، كۆرگەن كۆز.
- 186يېگەن كۆرۈنمەس، كىيگەن كۆرۈنەر.
- 187يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
- 188يەتتە يېشىنى ئەسلىشەر، يەتمىش يېشىدىن رەنجىشەر.
- 189يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇۇرشقاق.
- 190يەر تويمىغۇچە ئەل بولماس.
- 191يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ.
- 192يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
- 193يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
- 194يەرنى ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە.
- 195يەرگە ئىشلە ئايانما، يوق ئامەتكە تايانما.
- 196يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
- 197يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس.
- 198يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى.
- 199يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.
- 200يەڭگەن سۇلتان، يېڭىلمىگەن ئۇلتاڭ.