ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
راستچىللىق ۋە ئادالەت
75 ماقال
- 61يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.
- 62يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
- 63پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار.
- 64پالچىغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە.
- 65پايدىسى يوق ئوغرىنىڭ، گۇندىدا تۇرغىنى زىيان.
- 66پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.
- 67چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
- 68گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت.
- 69گاس گۇمانخور كېلەر، ئوغرى قەسەمخور.
- 70گۆشنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
- 71ھەقىقىي دوست ئېغىر كۈنلەردە سىنىلىدۇ.
- 72ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.
- 73ۋاپا-تاق، جاپا -جۈپ.
- 74ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى.
- 75ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.